مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېپلوماتىيە مېنىستىرلىقى: ئامېرىكا تارقاتقان ساختا ئۇچۇرلار بارغانسىرى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ

2022.09.27 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 26-كۈنى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  سوئال: ئامېرىكا ستانفورد داشۆسى تور كۆزىتىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە دۆلەت ۋە رايونلارغا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تونۇش، بىلىش، بايان قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تىزگىنلىگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا جۇڭگو، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغان غايەت زور تەشۋىقات تورى قۇرۇپ، ساختا ھېسابات نۇمىرى ئېچىپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش، تېما قىزغىنلىقى پەيدا قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقات ۋە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، يېقىندا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ساختا ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ باشقۇرىشىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، مەقسىدى مەخپىي ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە «قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل پىلانى»نى يولغا قويۇپ، تاراتقۇلارنى سېتىۋېلىپ، جامەئەت پىكرىنى تىزگىنلەشتىن تارتىپ يېڭى ئەسىردە «سوپۇن پاراشوكى»، «ئاق قالپاق»دىن پايدىلىنىپ ئىراق، سۈرىيەگە ئۇرۇش قوزغىغۇچە، يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش» ، «مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلاشقىچە، ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز ھالدا ساختا ئۇچۇر توقۇش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىپ ئارىلىشىشنى دېموكراتىيەنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇستىلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىشنى ھەققانىيەتنى قوغداش، خەلقنى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالدۇرۇشنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش دەپ پەردازلىدى.

  تېخىمۇ كۈلكىلىكى شۇكى، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچى تۇرۇپ، توختىماي باشقا دۆلەتلەرگە قالپاق كىيدۈرۈپ، تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ساختا ھېسابات نومۇرى تەسىس قىلغىنى ئېنىق تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىنى قامال قىلىشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جامەئەت پىكىرىنى تېزگىنلىگىنى ئېنىق تۇرۇپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى، دەۋېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ «داغ سۈزگۈچ» دىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى بايانلارنى پەيدا قىلغىنى ئېنىق تۇرۇپ، جۇڭگونى «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتقا» رىغبەتلەندۈردى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

  بەلكىم ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر يېتەرلىك پىتنە-ئىغۋا تارقاتسىلا، ئۇچۇر ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر. مەيلى ئىراقنىڭ «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرى» بولسۇن، سۈرىيەنىڭ «ئاق قالپاق» لىرى بولسۇن ياكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «ئىرقىي يوقىتىش»لىرى بولسۇن، ھەممىسى ئامېرىكا ئىناۋىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئامېرىكا تارقاتقان خىلمۇخىل ساختا ئۇچۇرلارنى دۇنيادىكى كۆپ كىشىلەر بارغانسېرى بايقاۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ چوقۇم ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ