مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ۋەكىللىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى

2022.09.27 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەستايىدىل كۆرسىتىشى، قايتا-قايتا كېڭىشىشى، قاتلاممۇقاتلام تاللىشى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ 2296 نەپەر ۋەكىلى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. ئۇلار پۈتۈن پارتىيەدىكى 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەنتەنىلىك تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى قەلبىگە پۈكۈپ، شەرەپ بىلەن پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يەردە بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان- ۋەزىپىسى ۋە چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى ئىلمىي پىلانلايدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل- پەزىلەتكە، بىرقەدەر كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارىغا، كۆرۈنەرلىك خىزمەت نەتىجىسىگە ئىگە، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە تەشكىلىي تەييارلىق كۆردى، پۇختا ئاساس سالدى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن قايتا-قايتا ئىنچىكە تاللاپ چىقىلغان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرىجىمۇدەرىجە تاللىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەرلەر بولۇپ، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىدە پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىدۇ. ۋەكىللىككە سايلانغان ھەربىر يولداشنىڭ ھەممىسى شەرەپلىك سالاھىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىشەنچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، تەنتەنىلىك بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئەزالىرىغا ياخشى باشلامچى بولۇپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 26- كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئىدىيە ئەمەلىيىتىدە ئۆزلەشتۈرۈشى، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما-تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە باتۇرلۇق بىلەن ئىنقىلاب قىلىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، تىرىشىپ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ياخشى ئوبراز تىكلىشى كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە تەكلىپلىرىنى يىغىپ ئىنكاس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش، ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە زور سىياسەت- فاڭجېنلارنى تۈزۈپ چىقىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ۋەكىللەر مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم بېكىتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. ھەربىر ۋەكىل كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن تۈرلۈك قارالمىلارغا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە، قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىپ، ئەمەلىي تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. قۇرۇلتايدىن كېيىن، ۋەكىللەر پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 20 -قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەشكە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، ۋەكىللىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بىر نىيەتتە پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، كاتتا قۇرۇلتاينى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ يېڭى مۇساپىغائاتلىنايلى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى چوقۇم بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ