مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تولۇق سايلاپ چىقىلدى

2022.09.27 10:17 مەنبە: خەلق تورى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 2296 نەپەر ۋەكىلنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈردى.

  پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا تاللاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا ـ قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.

  سايلانغان ۋەكىللەر ئومۇمىي جەھەتتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل، پەزىلەتكە ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار ئۆز ئىش ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەردۇر؛ ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى بىرقەدەر مۇۋاپىق، تۈرلۈك قۇرۇلما نىسبەتلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بار، بەلگىلىك ساندىكى ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى بار، ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي ـ قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ۋەكىللەرمۇ بار.

  پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى شۇ چاغدا يەنە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى بېكىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ