مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش» تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەل تىلى دەرس سائىتى ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەردىن كۆرۈنەرلىك ئاز بولغانلىقىنى كۆرسەتتى

2022.09.26 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 23-چېسلا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا بېرىلگەن «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى مەزمۇنىدىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» كە بەرگەن جاۋابىنى ئېلان قىلدى. جاۋابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ چەتئەل تىلى دەرس سائىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 6تىن% 8كىچە بولۇپ،تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق پەنلەردىن كۆرۈنەرلىك ئاز بولغان.

  «ئىنگلىز تىلىنىڭ ئوقۇتۇش، ئىمتىھاندىكى ئىگىلىگەن نۇمۇر سالمىقىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش زۆرۈر، لېكىن ئۇنچە ئۇزاق ۋاقىتنى ئىگىلەپ كېتىشى ھاجەتسىز، ھازىر ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن باشقىچە دەرىجىگە يەتكەن»، «ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلماي، بەلكى سۆزلىشىش، تۇرمۇشتا قوللىنىشنى ئاساس قىلىش كېرەك» ... مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا«ئىنگلىز تىلىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى سالمىقىنى، ئىمتىھاندىكى ئىگىلىگەن نۇمۇر نىسبىتىنى تۈۋەنلىتىش» توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى بەرگەن ئىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى جاۋابىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەت ئەل تىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى، مەدەنىيەت ئېڭى، تەپەككۇر سۈپىتى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق يادرولۇق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگومۇھەببىتى، خەلقئارا نەزەر دائىرىسى ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

  «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى (2022-يىللىق نەشرى)» دە، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ دەرس سائىتى نىسبىتى: تىل-ئەدەبىياتنىڭ% 20تىن% 22كىچە، ماتېماتىكىنىڭ% 13تىن% 15كىچە، تەنتەربىيەۋە ساغلاملىقنىڭ% 10تىن% 11كىچە، چەت ئەل تىلىنىڭ% 6تىن% 8كىچە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرس لايىھەسى (2017 ـ يىللىق نەشرى 2020-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)»گە ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەل تىلى زۆرۈردەرسلىك نومۇرى دەرس سائىتى نىسبىتى چوقۇم ئۆتۈلىدىغان ئومۇمىي زۆرۈر دەرسلىك نومۇرى دەرس سائىتىنىڭ تەخمىنەن % 7 ىنى ئىگىلىگەن. چەت ئەل تىلى دەرس سائىتى تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق پەنلەردىن روشەن ئاز بولغان.

  جاۋابتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2014-يىلى، گوۋۇيۈەن «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقىتىپ، بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى پەنلىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، نومۇر قىممىتىنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى. ھازىرقى باسقۇچتىكى چەت ئەل تىلى بىرتۇتاش ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى بويىچە بېكىتىلگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ