مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (57-كۈن)

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش / بالىسى بار تۇرۇپ يەنە بالا بېقىۋالسا بولامدۇ؟

2022.09.26 12:46 مەنبە: خەلق تورى

  دېلو مىسالى

  شياۋخەن بىلەن شياۋلى ئەر-خوتۇن تويدىن كېيىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى، بۇ يىل بەش ياشقا كىردى. ئەر-خوتۇن ئىككىسى پاراۋانلىق ئورنىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، ئۈچ ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ شوخ، ئوماق بولۇپ، كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ، ئۇنى بېقىۋالماقچى بولدى. ئۇنداقتا ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىر قىزى تۇرۇپ، يەنە ئۇ ئوغۇل بالىنى بېقىۋالسا بولامدۇ؟

  دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

  بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1098-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بېقىۋالغۇچى بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: (1) پەرزەنتى بولماسلىق ياكى بىرلا پەرزەنتى بولۇش؛ (2) بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش ئىقتىدارى بولۇش؛ (3) تېبابەتتە بالا بېقىۋالماسلىقى كېرەك دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولماسلىق؛ (4) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى بولماسلىق؛ (5) 30 ياشقا توشقان بولۇش. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1100-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: پەرزەنتى يوق بېقىۋالغۇچى ئىككى بالا بېقىۋالسا بولىدۇ؛ پەرزەنتى بار بېقىۋالغۇچى بىرلا بالا بېقىۋالسا بولىدۇ. يېتىم بالىلار، مېيىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى بېقىۋاتقان، ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىش ئالدىنقى تارماقتىكى ۋە بۇ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1098-ماددىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ