مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى!

سۈن لىجۈن دىلوسىغا 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى

2022.09.23 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن لىجۈننىڭ پارا ئېلىش، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار سۈن لىجۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتكەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جازاسىنى كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، قوشۇمچە 1 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جازاسىنى كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ سۈن لىجۈننىڭ پارا ئېلىش جىنايەت تاپاۋىتى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2001-يىلىدىن 2020-يىلى 4-ئايغىچە، جاۋابكار سۈن لىجۈن شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلار، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، دېلو بېجىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 646 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پۇل-مالنى قوبۇل قىلغان. 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سۈن لىجۈن باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئالاقىدار خادىملارنى مەبلەغ ئەۋزەللىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇدا ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پاي چېكى سودىسى باھاسى ۋە سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بۇيرۇپ، باشقىلارنىڭ 145 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىياندىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەرگەن. سۈن لىجۈن يەنە قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى قورالنى قانۇنسىز ساقلىغان.

  چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار سۈن لىجۈننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى، قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سۈن لىجۈننىڭ پارا ئېلىش سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پارا ئالغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭشىگەن؛، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېلو بېجىرىش، تېببىي دورا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نورمال ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قول تىققان، جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىگە پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ سۈن لىجۈننىڭ ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر؛ قورال-ياراغنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش قىلمىشى ئېغىر، قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قوشۇپ جازالىنىدۇ. سۈن لىجۈن تۇتۇلغاندىن كېيىن تەمىنلىگەن باشقا زور دېلو يىپ ئۇچلىرىنىڭ راستلىقى ئېنىقلىنىپ، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بارلىقى ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن پارا ئېلىش پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى، بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقى ھەمدە زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاكتىپ ماسلاشقانلىقىنى، كۆپ قىسىم زاڭ پۇل، زاڭ مال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال بار، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلماسلىققا بولىدۇ. سۈن لىجۈننىڭ جىنايەت پاكىتى، قىلمىشى ۋە دۆلەت، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىغا ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتكەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، جازاسىنى كېمەيتمەسلىك، شەرتلىك قويۇپ بەرمەسلىكنى قارار قىلدى. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ