مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

2022.09.23 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 22-چېسلا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە باشلاندى. A گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز كوماندىسى 107:44 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىشىدىلا نومۇر پەرقىنى تېزلا زورايتىپ، مۇسابىقە رېتىمىنى باشتىن ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرىدا 63 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، كورىيە كوماندىسى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىنى ياراتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسىدىكى بەش ماھىرئىككى خانىلىق نومۇرغا ئېرىشتى، لى مېڭ بىلەن ياڭ لىۋېي پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر 14 نومۇرغا ئېرىشتى. بويى ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغان ئىچكى سەپ ماھىرى لى يۆرۇ بىلەن خەن شۈ بىرلىشىپ 22 نومۇرغا ئېرىشىپ، 22 گاردىن قايتقان توپنى ئېلىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ گاردىن قايتقان توپ سانى جەھەتتە 29: 58 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

  2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 12 كوماندا A، B گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، يەككە ئايلانما مۇسابىقە تۈزۈمى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ، ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردىكى ئالدىنقى تۆت كوماندا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ. دۆلىتىمىز كوماندىسى 23-چېسلا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى 2-مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.




كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ