مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ جېڭخۇا 1-سوتتا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى

2022.09.23 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 22-كۈنى،جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ جېڭخۇانىڭ پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار فۇ جېڭخۇاغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندا، قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىش،ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىش، جازانى كېمەيتمەسلىك، شەرتلىك قويۇپ بەرمەسلىكنى قارار قىلدى. نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، ئۆلۈم جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەمدە بارلىق مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىپ، جازانى كېمەيتمەسلىك، شەرتلىك قويۇپ بەرمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى، فۇ جېڭخۇانىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىدىن قىلغان تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن پايدىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، فۇ جېڭخۇا 1955 - يىل 3 - ئايدا تۇغۇلغان، 1970 - يىل 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973 - يىل 9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئۇزاق مۇددەت سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2021 ـ يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، فۇ جېڭخۇانىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان؛ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، فۇ جېڭخۇانىڭ قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلانغانلىقى، خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكى جاكارلانغان.

  ھازىر سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىپ ئېنىقلىشىچە، 2005-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جاۋابكار فۇ جېڭخۇا بېيجىڭ شەھەرلىك ج خئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم ىېرىپ، ئۆزى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق قانۇنسىزپۇل-مال قۇبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 117 مىليون يۈەندىن ئاشقان. فۇ جېڭخۇا 2014 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئىنىسى فۇ ۋېيخۇانىڭ ئېغىر جىنايى مەسىلىسىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماي، فۇ ۋېيخۇانىڭ جىنايىتىنىڭ ئۇزاققىچە سۈرۈش تۈرۈلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان.

  سوت مەھكىمىسى جاۋابكار فۇ جېڭخۇانىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىدى. فۇ جېڭخۇانىڭ پارا ئالغان سوممىسى زور، جىنايى قىلمىشى ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى يامان بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، جىنايىتىگە ئاساسلانغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك؛ فۇ جېڭخۇانىڭ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇرمىلىغانلىق قىلمىشى ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى يامان بولۇپ،قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ ھەم ئۇ ئۆتكۈزگەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قوشۇپ جازالىنىدۇ.فۇ جېڭخۇا تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ مالنى ئاكتىپ قايتۇردى، باشقا چوڭ دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى ئېنىقلاندى، زور خىزمەت كۆرسەتتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشبەلگىلەندى.فۇ جېڭخۇانىڭ جىنايى پاكىتى، قىلمىشى ۋە دۆلەت، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنىغا ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىش، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىش، جازانى كېمەيتمەسلىك، مۇددەتتىن بۇرۇن قۇيۇپ بەرمەسلىك قارار قىلىندى.سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فۇ جېڭخۇانىڭ «پارتىيەدىن قوغلىنىپ،خىزمەتتىن ھەيدەلگەن» پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي جازا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇ«سۈن لىجۈننىڭ ھەربىي، سىياسىي شايكىسىغا قاتناشقان» دەپ كۆرسىتىلگەن.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ