مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش» نامىدىكى ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى

2022.09.23 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بىر تورداش «بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى» نامىدىكى «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش» توغرىسىدىكى ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىتىزگىنلەش مەركىزى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق»تىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتكەن. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى خىزمەت جەريانىدا سىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىڭىز، ساياھەت قىلغان تارىخىڭىز، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىڭىز ۋە پائالىيەت دائىرىڭىز قاتارلىق يۇقۇم مۇداپىئەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سورايدۇ، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە بانكا ھېساباتىغا پۇل يۆتكەش، پۇلئورۇش ياكى بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر ياكى دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق پۇلغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەگەر ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 110 غا تېلېفون قىلىپ ياكى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 96110 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت ياكى ياردەم سوراڭ.


  بۇ يەردە يەنە شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەگەر سىز تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالسىڭىز،جىيەنكاڭباۋدا ئەسكەرتىش بېرىلسە، جىيەنكاڭباۋ سېرىق كودىغا ياكى قىزىل كودىغا ئۆزگىرىپ قېلىپ، سىزنى خەتەر ئىھتىمالى بار دەپ ئەسكەرتسە، دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە، ئورۇن، مېھمانخانا قاتارلىقلارغا دوكلات قىلىپ، مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش، ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىش، خېسۈەن تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك مۇداپىئە – تىزگىن تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىڭ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ