مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! 2022-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دەم ئېلىش كەلدى

2022.09.22 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى «2022-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان. دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە)، 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان 2022-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى قىسقا دەم ئېلىش بولىدىكەن.

  «چوڭ-چوڭ ھېيت-بايراملاردا كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرامدا يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول (يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا قارىتا) يەتتە كۈن ھەقسىز بولىدۇ، ھەقسىز بولۇشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دە باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كىچە بولىدۇ.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى.

  يولۇچىلار 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ 12306 تور بېكىتى، ئەپ دېتالى قاتارلىقلار ئارقىلىق، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى كۈنى (10-ئاينىڭ 1-كۈنى) نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، 10-ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنىدىكى پويىز بېلىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9-ئاينىڭ 22-ۋە 23-كۈنى سېتىلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان پويىز ئىستانسىلىرىنىڭ پويىز بېلىتىنى توردا سېتىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، يولۇچىلار ئۆزى بېلەت سېتىۋالغان ۋوگزالغا ئاساسەن بېلەت سېتىۋالىدىغان كونكرېت ۋاقىتنى سۈرۈشتۈرۈپ ئالدىن تەييارلىق قىلىشى، بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يولۇچىلار 12306 ئورگان تورىنى ئېچىپ، «ئۇچۇر تەكشۈرۈش» ئىستونى ئاستىدىكى «سېتىش ۋاقتى»نى چېكىپ، ئاندىن سېتىشنى باشلاش ۋاقتى ۋە سېتىشنى باشلاش بېكىتىنى تاللاپ تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ