خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە فىجى ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بەزى ئوبزورلاردا بۇ ھەربىي مانېۋىر جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارالدى، باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نورمال مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمايمىز، لېكىن ئالاقىدار ھەمكارلىق ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ