مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يوتقاننىڭ رەڭگى ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقىڭىز يوتقان سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن

2022.09.22 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇيقۇ مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج بولۇش سۈپىتىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەستە ساقلاشنى مۇستەھكەملەيدۇ، جىسمانىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياخشى ئۇيقۇ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ «ماي قاچىلاش پونكىتى». ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ياخشى ئۇخلىيالمىسا، بەدەندە بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە روھىي كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

  جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش دوختۇرخانىسى جۇڭيى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يىن لۇ خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:دائىم ئۇخلىيالمىسىڭىز، بەلكىم يوتقىنىڭىزدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاشمىغان رەڭدىكى يوتقاننىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. تېرە بىلەن كۆز ئوخشاشلا رەڭنى سېزەلەيدۇ، ئادەم كۆزىنى يۇمغاندا، يوتقاننىڭ رەڭگى ئوخشاشلا چوڭ مېڭىنى غىدىقلايدۇ.

  يىن لۇ مۇنداق دېدى: سۇس رەڭلىك ياكى ئاق رەڭلىك يوتقان ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ قىزىل رەڭلىك يوتقان ئادەمنى ئاسان ھاياجانلاندۇرىدۇ، نىرۋىنى جىددىيلەشتۈرىدۇ؛ يېشىل رەڭلىك يوتقان جىددىي ھالەتتىكى نېرۋىلارنى قويۇپ بېرىپ، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئاپلىسىن رەڭلىك يوتقان كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ئۇ ياشانغانلار ئالدىن تاللايدىغان رەڭ؛ كۆك رەڭلىك يوتقان تىنچلاندۇرۇش، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، بېسىم كۈچلۈك كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ