مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك بولماقتا (يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي كۆزىتىش)

2022.07.27 09:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مەملىكەت بويىچە تېز يوللانما پوسۇلكىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 242 مىليون پارچىگە تۆۋەنلىدى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە قوبۇل قىلىش مىقدارى 425 مىليونغا يەتتى، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلات»ىدا V شەكىللىك تەتۈر ئېشىش كۆرۈلدى.

  كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىياجنىڭ شىددەت بىلەن جانلىنىشىغىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 مىليون 661 مىڭ ۋە 2 مىليون 600 مىڭ دانە ئورۇندىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى.

  ئىشلەپچىقىرىشتا «توختىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىشتىن، تەتقىق قىلىپ ياساشتا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىشقىچە، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۇنارسىمان ماشىنا شۈجوۋ قۇرۇلۇش-ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، مۇنارسىمان ماشىنىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش دۇنيا رېكورتى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەسمايىسى، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيە ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى. كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.»

  بۇ يىلدىن بۇيان مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا مۇھىت، كۆپ نۇقتىدىن تارقالغان دۆلەت ئىچى يۇقۇمى ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئېشىپ، مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادتا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ چوڭ دېسكىلىق «بالانېسلىق» رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  سىياسەت تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  ئايلىنىش راۋان، زەنجىر مۇقىم، ئاساسىي گەۋدە كۈچلۈك بولۇپ، ماكرو ئىگىلىك چوڭ دېسكىسى مۇقىم بولدى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشى زەربىگە ئۇچرىدى، بۇ يىل 3-، 4-ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا جايلار، تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملاشتۇردى.

  —— توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تازىلاپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «بىر تۇتاش يول يۈرۈش خېتىنى ئېلىۋالغاچقا، يولبويى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.» يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مېڭ گوچۈەن ئىككى كۈندۈز، بىر كېچىدە خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىر ئاپتوموبىل باناننى خەينەندىن خېنەنگە ئېلىپ كەلدى، «ئانتىگېننى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 15 مىنۇتتا چىقتى، توختىغان ھامان تەكشۈرۈپ، دەرھال يولغا چىقتۇق، ھېچقانداق يەردە دەخلى قىلمىدى.»

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشكە تەشكىللەپ، نامۇۋاپىق بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يول تورى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان نۇقتىلىق ماددىي ئەشيا توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول خېتى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا قارىتا «دەرھال ئېلىش، دەرھال مېڭىش، دەرھال قوغلاش»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقا باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، قاتناش تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلدى؛ «كونتاكتسىز» ئەشيا ئوبوروتى ئۆتەڭ مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى... جايلار، تارماقلار راۋانلىققا، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، چوڭ يوللارنى ئېچىپ، مىكرو ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇردى. 6-ئايدا جۇڭگو ئەشيا ئوبروت كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى %52.1 كە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج جانلىنىشقا يۈزلىنىپ، راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  —— نۇقتا ئارقىلىق زەنجىرنى يېتەكلەپ، زەنجىر ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى لىنگاڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بازىسىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بېسىم سىنىقى باشلاندى؛ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېسىم سىنىقىدىكى تۇنجى ئاپتوموبىل پۈتتى؛ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى جېڭجوۋ بازىسى، نىڭدې بازىسى، نەنجىڭ بازىسى ئارقا-ئارقىدىن قوش ئىسمېنىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى؛ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، لىنگاڭ بازىسى قوش ئىسمېنىلىق ئىشلەپچىقىرىش بېسىم سىنىقىنى باشلىدى... پۈتۈن ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى نۇقتا قىلىپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدا «زەنجىرسىمان ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»كە تۈرتكە بولۇپ، 6-ئايدا، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 5-ئايدىكى %7.0 تۆۋەنلەشتىن، زور دەرىجىدە %16.2 ئېشىشقا ئۆزگەردى.

  زەنجىرسىمان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، نۇقتا ئارقىلىق زەنجىرنى يېتەكلەش، زەنجىر ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، سانائەت سىستېمىسى 54 مىڭدىن ئارتۇق مەسىلىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، مىنىستىرلىق، ئۆلكىدىكى 22 مىڭ 500 «ئاق تىزىملىك» كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 4-ئايدىكى مەنپىي %2.9تىن %0.7 كە ئۆزگەردى، 6-ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى.

  —— باج قايتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، بازار سۇبيېكتلىرى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلدى.

  «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ‹شىپالىق يامغۇر›نى ئېلىپ كەلدى، يۈكنى يېنىكلىتىش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.» جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى لياڭجۇ يېڭى شەھىرىگە جايلاشقان خاڭگو سانائەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈن مۇنداق ھېسابات قىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا كارخانا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك ئۆي-زېمىن بېجى، يەر ئىشلىتىش بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدى، «تېجەپ قېلىنغان باج پۇلىنىڭ ھەممىسى يېڭى مەھسۇلات تەتقىقاتىغا سېلىندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا، چەت ئەلنىڭ 200 مىليون يۈەنگە يېقىن زاكازىغا ئېرىشتۇق.»

  بازار سۇبيېكتىنى ساقلاپ قالغاندا ئاندىن ئىقتىسادنىڭ چوڭ دېسكىسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. باجنى كېمەيتىش قىزىل بولىقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە باج قايتۇرۇش، باجنى كېچىكتۈرۈش، ھەقنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سوممىسى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تارقىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىدىن 0.35 پىرسەنت تۆۋەنلىدى... بىرىكمە شەكىلدىكى باجدا ئېتىبار بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، تۆۋەنلىتىش، تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن تارتىپ قەرز ئۆسۈم تولۇقلىمىسى بېرىش، ئۆي-زېمىن خوجىلىقىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقىچە جايلار، تارماقلار قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى زىچ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە، يۈكىنى يېنىكلىتىشىگە، ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى مۇقىم ئاشتى

  ئېكسپورت ئاشتى، سېلىنغان مەبلەغ كۆپەيدى، ئىستېمال ياخشىلاندى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچەيدى

  6-ئايدا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 745 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %14.7ئاشتى؛ ياسىمىچىلىقنىڭ PMI سى %50.2كە ئۆرلەپ، ئۇدا ئۈچ ئاي تارايغاندىن كېيىن كېڭىيىش دائىرىسىگە قايتىپ، گۈللىنىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيدى. بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ـــــ ئېھتىياج ئەسلىگە كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش مۇقىملاشتى، ئېكىسپورت ئاشتى.

  300 يۈرۈش ئۈسكۈنە تۈركۈملەپ تاپشۇرۇلدى، شۈگۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئېكسكۋاتورى (قېزىش ماشىنىسى) شىمالىي ئامېرىكىدا بازار تاپتى؛ ئېلېكتىرلىك ئېكىسكۋاتور مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىندى، ليۇگۇڭ گۇرۇھى ھىندونېزىيە بىلەن برازىلىيەدە ئېكسكۋاتورنى يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ساھەسىدىكى 26 ئېكسكۋاتور ياساش كارخانىسى 51 مىڭ 970 قېزىش ماشىنىسىنى ئېكسپورت قىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.2 ئاشۇردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش ئىقتىدارى ئاجىزلىدى، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسى تاشقى مۇھىتنىڭ جىددىيلىشىشى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، ئېكسپورتتا بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ مال ئېكىسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 5-، 6-ئايدا، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېكىسپورتقا تاپشۇرغان مال قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %11.1، %15.1 ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13.0 ۋە 4.0 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، 4-ئايلىق ئېكىسپورتنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى تېز ئوڭشىلىپ، سانائەت بۇيۇملىرى ئېكسپورتى تېز ئاشتى. 6-ئايدا، ئالتە چوڭ ئېكسپورت رايونىدىكى تۆت رايوننىڭ ئېكسپورتقا مال تاپشۇرۇش قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەينىڭ ئېكسپورتتا مال تاپشۇرۇش قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 5 ـ ئايدا %17.7 تۆۋەنلەشتىن %25.9 ئېشىشقا ئۆزگىرىپ، 43.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  بىر قاتار مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق چەكلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى تېز قويۇپ بېرىلدى. 6-ئايدا، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ۋە يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 52.8 ۋە % 50.4 كە يېتىپ، كېڭىيىش دائىرىسىگە يەتتى؛ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى %55.2 بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسى داۋاملىق ئاشتى.

  ـــــ دىققەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ، سېلىنما تېز ئاشۇرۇلدى.

  لىڭدىڭياڭ يەنى جۇجياڭ ئېغىزىدا، شېنجېن-جۇڭشەن يولى پۇختا قەدەم بىلەن ياسىلىپ، دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان گۇاڭدۇڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرى بىلەن شېنجېن شەھىرى تۇتاشتۇرۇلدى؛ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە، 150 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بىيادى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ مەھسۇلات ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تۈرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە، يىل ئىچىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى؛ ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، نىڭشيا، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەرب يەتكۈزۈشنى ھېسابلاش مەركىزى» قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىرقاتار سانلىق مەلۇمات مەركىزى تۈرلىرى چېرتيوژدىن رېئاللىققا ئايلاندى.

  دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە زور قۇرۇلۇشلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.مەخسۇس قەرزنىڭ تېز تارقىتىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 -ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، ئۇدا ئىككى ئاي ئۆرلىدى.ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچەG5 ئاساسىي پونكىتىدىن 1 مىليون 854 مىڭى قۇرۇلۇپ ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2-پەسىلدە 300 مىڭغا يېقىن ئاساسىي پونكىت يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، «ناھىيەلەرگەG 5نى تۇتاشتۇرۇش، ھەممە كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا مۇھىم تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.گەرچە تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان بولسىمۇ، لېكىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى.2 -پەسىلدە مەملىكەت بويىچە «G5 + سانائەت ئالاقە تورى» قۇرۇلۇش تۈرىدىن 700ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، جەمئىي 3100دىن ئاشتى، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىلىشى 45 خەلق ئىگىلىكى چوڭ تۈرىنى قاپلىدى.ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىدىن 14.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تېز كېڭەيدى.

  ___ ھاياتىي كۈچ قايتىدىن ئۇرغۇپ، بازار جانلىنىپ، ئىستېمال سىجىل ياخشىلاندى.

  خەينەن سەنيادا باج كەچۈرۈم قىلىنغان نۇرغۇن ماگىزىنلاردىكى يولۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «18 -ئىيۇن» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈنىدە، سەنيا شەھىرىدىكى ئارالدىنئايرىلىدىغانداباجكەچۈرۈم قىلىدىغان تۆت سودا شەھەرچىسىنىڭ سېتىش سوممىسى 120 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛

  خۇاڭپۇجياڭدەرياسىبويىدا، شاڭخەيدىكى ئاشخانىلار تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى كۈنىلا، دۇكانلارنىڭ تور سودا سوممىسى ھەپتىلىك ھالقىسىمانسېلىشتۇرمانىسبىتى %293 ئېشىپ، شەھەرنىڭ كەيپىياتى ئاستا-ئاستا جانلاندى.

  خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 6-ئاينىڭ بېشىدىكى 445 مىڭ ئادەمقېتىمدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمقېتىمئېشىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى بازىرىنىڭ ياخشىلىنىش قەدىمى تېزلەشتى.جىڭدۇڭ سۇپىسىدا «18-ئىيۇن»سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە، ئون مىنۇت ئىچىدە نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يۈرۈشلۈك سېتىۋېلىش پۈتۈشۈش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%400 ئاشتى...دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 30 تىرىليون 486 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%1.8 ئاشقان.مۇلازىمەت كەسپىقوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى%54.2، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى%40.6 بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1.0 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.كارخانىلار مۇستەھكەم ئىشەنچكەتولدى

  يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولدى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ياسىمىچىلىققا سېلىنغانسېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%10.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىدىن 4.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇختا ئىلگىرىلىسە، ئەمەلىي ئىقتىسادنى جەزمەن يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  ___ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىئۆستۈرۈلدى.

  سەنشى تەييۈەندە، سەنشى گاڭكې شىركىتىنىڭ TG800 كاربونلۇق تالادىن ياسىغان چاڭغا تېيىلىش ئاپتوموبىلى يېنىك بولغىنى بىلەن مۇز ئۈستىدە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىشى بىلەنلا نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى؛ ئەنخۇي خېفېيدە، كېدا شۈنفېي يېرىم يىل ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يادرولۇق ساھەسى بويىچە تۆت خەلقئارا مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ جياڭسۇ شۈجوۋدا، شۈگۇڭ ماشىنىسازلىقى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىران ياساش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى...

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يۈرۈشۈشنى كۆزىتىش، ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو جۈنجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەقەت يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.2-پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن 5.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە، ئېلېكتىرونلۇق دېتال، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق كىچىك تۈردىكى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %20تىن يۇقىرى بولدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېشىشى داۋاملىق يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.بىز خام ماتېرىيال، ئاچقۇچلۇق زاپچاس قاتارلىقلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دىققەتنى سانائەت ئانا ماشىنىسى، G5، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز».

  ____ ياسىمىچىلىق كەسپىچىڭ تۇتۇلۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئاساسىمۇستەھكەملەندى.

  ئىككى سائەتلىك زاكاز تالونى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى! 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، سېلىس ئاپتوموبىلى بىلەن خۇاۋېي بىرلىشىپ لايىھەلىگەن يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل تىپى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئالقىشقا ئېرىشتى. «بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا ئۇلانغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاقىل زاۋۇت قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇۋاتىمىز،كېيىنكى يېرىم يىلدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى» دېدى، چۇڭچىڭ شياۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  «ياسىمىچىلىق دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى.ئەمەلىي ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇشتا چوقۇم ياسىمىچىلىقنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.» جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ باۋزۇڭنىڭ بايقىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ياسىمىچىلىققا سېلىنغان سېلىنما بارلىق سېلىنمىنىڭ 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.بەزى ئاچقۇچلۇق كەسىپلەر، مەسىلەن، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، خام ماتېرىيال ياسىمىچىلىقى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن%10تىن ئېشىپ، كەلگۈسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز دىققەتنى داۋاملىق مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاجىز تۈرلەرنى يۆلەپ، ماس ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق ئېشىش يولىغا قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، مۇھىم ئامىللارنىڭ ياسىمىچىلىققا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى، فۇ باۋزۇڭ.

  ____ مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كارخانىچىلارپۈتۈن دىققىتى بىلەن ئوقەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

  ياخشى تىجارەت-سودا مۇھىتى كارخانىچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقەت قىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچى كۈچى.نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار چىناردەرىخىتىكىپ،ئالتۇنسۇمۇرغجەلپقىلىش ئۈچۈن، تىجارەت-سودا مۇھىتى بويىچە «مۇسابىقىلەشمەكتە».

  شەندۇڭ ئۆلكىسى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتىنى پۇل مۇئامىلە يېتەكچىلىكى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قالدۇق سوممىنى%45 ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ شەنشى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ تىزىملىكى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ سالاھىيەت تىزىملىكىنى رەتلەپ ئېلان قىلىپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت بازارلىرىدىكى كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى كەم-كۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.گۇاڭدۇڭ بىر كىنىشكا بىلەن بېجىرىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانا بىر قېتىمماتېرىيال تاپشۇپ، سالاھىيىتىنى بىر قېتىم دەلىللىسىلا، ماتېرىياللارنى ماس قەدەمدە ئوبوروت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش، كىنىشكا، گۇۋاھنامىلەرنى ۋاقتىدا تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلدى...

  «كېيىنكى يېرىم يىلغا نەزەر سالساق، گەرچە تاشقى مۇھىت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىدە يەنىلا بەلگىلىك بېسىم مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى داۋاملىق يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توسۇق، بوغۇق نۇقتىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىق كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرساقلا، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولالايمىز» دېدى، فۇ باۋزۇڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ