مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئېگىزلىك گۈزەللىشىپ كەتتى

2022.07.22 03:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، شىزاڭ لىنجى شەھىرى يانى سۇلۇق يېرىدە سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەندى.

  «ئەسلىدە چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ تاغلىرى مۇشۇنداق يېشىل، سۇلىرى مۇشۇنداق سۈزۈك ئىكەن-ھە!» __ شەنشىدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئۆزىنى ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

  «شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداشنىڭ پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، جاھانغا نەپ يەتكۈزىدۇ.» 2021-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ 3-قۇتۇپ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇسكار بولۇشقا ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  يانى سۇلۇق يېرىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت كىيىمى كىيىپ باشقۇرغۇچى بولۇپ، ھەر كۈنى چارلاش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.

  لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىدىڭ كەنتى سۇلۇق يەرنى قوغداش تەشۋىقاتچىسى نىما پىڭسو مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يانى سۇلۇق يېرىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.» يانى سۇلۇق يېرى كۈندىلىك نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئامما چارلاپ قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش-قوغداش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسىنى قاتلاممۇ قاتلام ئىمزالاپ، چارلاش، قوغداش، ئاسراشتا رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش-قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى.

  پەن-تېخنىكا كۈچى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا كۈچ قوشتى. لىنجى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى «سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، بايلىقنىڭ تېگى-تەكتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئىلمىي پىلانلاش ۋە قوغداشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش»نى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ۋۇخەن داشۆ، شىزاڭ داشۆ قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يانى سۇلۇق يەر دائىرىسىدىكى تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرسەتكۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ ئىلمىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسى شىزاڭدا كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇ يەردىكى ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەرنى، مىڭلىغان تاغ-دەريالارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قوغداپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ بەختلىك، گۈزەل يېڭى تۇرمۇش بەرپا قىلدى.

  لىنجى شەھىرى بايى رايونى گالا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مەيدانىغا ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ئاستا-ئاستا كىردى، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  گالا كەنتى دۆلەت يولى 318-لىنىيەسىگە يېقىن، مەنزىرىسى گۈزەل نىياڭ دەرياسىغا يېقىن بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق «شاپتۇل چېچىكى كەنتى» ھېسابلىنىدۇ. كەنت ھەممە يەرنى قاپلىغان ياۋا شاپتۇل چېچىكىگە تايىنىپ، ئۇدا نەچچە يىل شاپتۇل چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شاپتۇل چېچىكى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر «نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

  كەنت ئاھالىسى داۋا جيەنسەن مۇنداق دېدى: «ئەتىيازدا شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، يازدا مېۋە ئۈزۈش، كۈز ۋە قىش پەسلىدە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى تاماشا قىلىش ئارقىلىق، گالا كەنتى ھازىر بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆرگۈچىلىكى بار جاي بولۇپ قالدى.»

  ئېكولوگىيەلىك قىممەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇش، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، گالا كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز زورايدى. بۈگۈنكى گالا كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ماڭماقتا.

  گالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەن با مۇنداق دېدى: «2021-يىلى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ 800 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى.»

  كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر چۈەن مېيروڭنىڭ دوستلار چەمبىرىكى «توردا سېتىش مەيدانى»غا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى بەرپا قىلغان باغنىڭ تۈرلۈك مېۋىلىرى كەڭ قارشى ئېلىندى. چۈەن مېيروڭ مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىرىنى ياخشى باھادا سېتىشىغا ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن، مەنمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم.»

  2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىزاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 47 سى قۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر بار بولغان ئورمانلىق كۆلىمى 14 مىليون 910 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12.31كە يەتتى؛ شىزاڭدا خاتىرىلەنگەن ياۋا ئۆسۈملۈك 9600 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك 152 خىل؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى بولدى، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا ھالەتنى ساقلىدى، دۆلەت تۇپراق مۇھىتىنى كۆزىتىش تورىنىڭ نۇقتىلىق خەۋپ-خەتەرنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش نۇقتىلىرىدىكى بۇلغىمىلارنىڭ قويۇقلۇقى «تۇپراق مۇھىتى سۈپىتى، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئۆلچىمى»دىكى خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش قىممىتىدىن تۆۋەن بولدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى پائال تەڭشەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ساياھەتچىلىك، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەسى دوستانە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئېگىزلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئاچىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ