مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى داۋاملىق گەۋدىلىنىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى تېز شەكىللەندى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نەزەر)

2022.07.21 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق تېز تەرەققىي قىلىپ، قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىدىن 6.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق بىرقەدەر كۈچلۈك تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلانغان.

  يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يېتەكلەش رولى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك بولغان. 2-پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن 5.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق كىچىك كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20 تىن يۇقىرى بولغان، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىشى باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغان؛ يەككە كىرىستاللىق كرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، فوتوۋولت باتارېيەسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى 2-پەسىلدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %61.3 ، %50.6 ، %30.4 ئېشىپ، 1-پەسىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 37.3، 13.0، 6.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  مەبلەغ سېلىش سالمىقى ۋە قۇرۇلمىسى تېز سەرخىللاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 17.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلېكتىرون ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %28.8 ئاشقان، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ياساش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %28.0 ئاشقان، كومپيۇتېر ۋە ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %20.2 ئاشقان.

  ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى توپى تېز شەكىللەنگەن. كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىچە كۆرسىتىش، ئىلغار ھېسابلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق فوتوۋولت، ئاپتوموبىل تورى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىق كەسپى توپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى يەنىمۇ نامايان قىلىنغان.

  ھازىرغا قەدەر شېنجېن، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، چېڭدۇ، نەنجىڭ، چىڭداۋ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلار نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن 25 كەسىپلەر توپى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىققان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ