خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ئۈنۈملۈك مىقدارى 3 مىليون 906 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشقان؛ ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى 40 مىليون 545 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئاشقان.
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە كارخانىلار 325 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئاشتى؛ كارخانىلار ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتى 2 مىليون 107 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.5 پىرسەنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 155 مىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتى 1 مىليون 334 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.4 ئاشتى.
يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ساھەسىدە، ئېلىمىزنىڭ پاتېنت زاپىسى كۈچەيتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتى سانى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان تېخنىكا ساھەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى، ئۆلچەش ۋە رەقەملىك خەۋەرلىشىش بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %9.4، %7.6 ۋە %6.8 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئېشىش سۈرئىتىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندىكىسى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە مېدىتسىنا تېخنىكىسى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.5، %32.3 ۋە %27.1 ئاشقان.
ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردە كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىشىدىمۇ پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2021-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىلىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھوقۇق بېرىلگەن كەشپىيات پاتېنتى 46 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئېشىپ، 2016-يىلىدىكىنىڭ 2.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، «13-بەش يىل»دىن بۇيانقى بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ