مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2022.07.12 22:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خې لىفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، نەزەرىيەۋى ئىجادچانلىقى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. ئىدىيە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ دەۋر سوئالى، خەلق سوئالى، تارىخ سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ئۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىلمىي نەزەرىيە كۆرسەتمىسىدۇر.

  خې لىفېڭ «ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئالتە جەھەتتىكى تونۇشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈپ مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك؛ ئۈچىنچى، «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»نىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش لازىم؛ تۆتىنچى، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش قاتارلىق زور تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچى، خەۋپسىزلىكنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئالتىنچى، توغرا خىزمەت تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

  خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ