مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا توردا ئىمزا قويۇش سۇپىسى ئاچتى

2022.07.07 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توردا توختام ئىمزالىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قەيەرگە ئورۇنلاشقانلىقىنى تىزىملاش ۋە توردا كېلىشىم ئىمزالاش سۇپىسى (http://wq.ncss.cn) نى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توردا توختام ئىمزالىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ توردا كېلىشىم ئىمزالاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توردا ئىمزا قويۇش سۇپىسىدا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، سۇپا ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كېلىشىم ئىمزالىماقچى بولغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار (ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ ھەم جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇر تورىدا ئوقۇش تەۋەلىكى ئىسپاتلىنىدۇ) نى ئىزدەپ، توردا كېلىشىم ئىمزالاشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر تەكشۈرۈپ ماقۇللىغاندىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالاش تاماملىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توردىكى سۇپىدا كېلىشىم ئىمزالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توردا توختام ئىمزالاشنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ، قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ھاجەتسىز، بۇ ئوخشاش بولمىغان مەكتەپلەردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تەننەرخىنى ئازايتىدۇ. توردا ئىمزالانغان ئېلېكترونلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمنامىسى بىلەن قەغەز نۇسخىسىدىكى ئۈچ تەرەپنىڭ كېلىشىمنامىسىنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ