خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېيجىڭ فاڭشەن ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: توردا ئىنكاس قىلىنغان 6-ئاينىڭ 28-كۈنى گۇاڭياڭ ساقچىخانىسىدىكى بىر ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا چاڭياڭ بازىرىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى ھەمدە ساقچى سايمانلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلىك ئەھۋالىغا قارىتا، فاڭشەن ج خ شۆبە ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، نازارەت قىلىش تارماقلىرى دەرھال ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈردى.
نۆۋەتتە، ۋەقەگە چېتىشلىق خەلق ساقچىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە. كېيىنكى قەدەمدە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ