خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى «قۇم زومىگىرى»، «كان زومىگىرى» قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى قارا، رەزىل دېلودىن جەمئىي 230 نەچچىنى دېلو تۇرغۇزۇپ پاش قىلىپ، 4700 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، 3700 دىن ئارتۇق ئالاقىدار دېلونى پاش قىلىپ، ياخشى تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈچلۈك قوغدىدى.
مەخسۇس ھەرىكەتتە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەسىر دائىرىسى كەڭ، تەھقىقلەش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ دېلولارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەبىئىي بايلىق ساھەسىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم قارا، رەزىل جىنايەت شايكىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ زەربە بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قارا كۈچلەرگە، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولاردىكى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قازدى؛ تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساھە بويىچە تۈزەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ