مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەيدە بۇ يىل ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي شەرتكە ئۇيغۇن بولسىلا، نومۇر قويۇلماي بىۋاسىتە نوپۇسقا ئېلىنىدۇ

2022.07.01 20:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھىرى يېقىندا يېڭى سىياسەت چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل شاڭخەيدىكى ھەر قايسى تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلىرىنى بۇ يىل پۈتكۈزگەن ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قويۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئاساسىي شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىلا بىۋاستە نوپۇسقا ئېلىشقا بولىدۇ.

  «2022-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شاڭخەي نوپۇسىدا بولمىغان ئوقۇغۇچىلار شاڭخەيگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مەزكۇر شەھەر نوپۇسىنى ئىلتىماس قىلىش چارىسى»گە ئاساسەن، شاڭخەي نوپۇسىدا بولمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مۇناسىپ شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن شاڭخەي شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مۇناسىپ شەرتلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قانۇن-نىزام ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، نىشانلىق ۋە ھاۋالىلىك تەربىيەلەشكە كىرمەيدىغان، ئوقۇشى تاماملانغان ھەمدە 2022-يىلى مۇناسىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش؛ مەكتەپتىكى مەزگىلدە ھەر قانداق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ياكى كادىرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولمىغان، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان بولۇش قاتارلىقلار.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شاڭخەيلىك بولمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاڭخەيگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى بولىدۇ. چارىگە ئاساسەن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شاڭخەي شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، فوند جەمئىيەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى (كارخانا بولمىغان پۇقراۋى ئورۇنلار)، شاڭخەي شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن، ئىناۋىتى ياخشى، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 1 مىليون يۈەنگە يەتكەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شاڭخەي شەھىرىدە رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان كارخانىلار ئەگەر شاڭخەي شەھىرىدىن بولمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاسىتە قۇبۇل قىلغان بولسا، قۇبۇل قىلىنغان خادىملارغا شاڭخەي شەھىرىنىڭ نوپۇسىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەيدە ئوچۇق-ئاشكارا نومۇر جەملەپ نوپۇسقا ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، شاڭخەي نوپۇسىدا بولمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نوپۇسقا ئېلىنىش ئۆلچىمى ئادەتتە 72 نومۇر بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەكتەپ، ئوقۇش تارىخى سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللار جەملىمە نومۇرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە نوپۇسقا ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، يەنىلا نومۇر قويۇپ نوپۇسقا ئېلىنىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ