مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ئەزالىرى سانى 96 مىليون 712 مىڭغا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سانى 4 مىليون 936 مىڭغا يەتتى

2022.07.01 20:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورايدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچى ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 96 مىليون 712 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 مىليون 434 مىڭ كىشى ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 936 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 117 مىڭى ساپ كۆپەيگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىزچىل ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇللۇق خىزمىتى قىلىپ، يېڭى كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئاۋانگارت قوشۇننى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ زورايدى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.7 كۆپىيىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدىكىدىن %15.9 ئاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى. 2021-يىلى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىلغارلار بەس-بەستە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى، بىر يىلدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان پارتىيە ئەزاسى 4 مىليون 383 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 956 مىڭى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ 1-سېپىدىكىلەر 2 مىليون 311 مىڭ بولۇپ، %52.7 نى ئىگىلىدى؛ ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 2 مىليون 115 مىڭ بولۇپ، %48.3نى ئىگىلىدى؛ 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر 3 مىليون 540 مىڭ بولۇپ، %80.8نى ئىگىلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى. ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 51 مىليون 461 مىڭ بولۇپ، %53.2نى ئىگىلەپ، 2005 يىلىدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 28 مىليون 431 مىڭ بولۇپ، %29.4نى ئىگىلەپ، 2005 يىلىدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 285 مىڭ بولۇپ %7.5نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئايال، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13.2، 5.6، 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %33.6 ىنى ئىگىلىدى.

  پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە دەرسى سۆزلەش ۋە ئۆگىنىش ئۈلگىسى پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار 1 مىليون 773 مىڭ قارار كۇرس ئاچتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتكوملار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى 4 مىليون 304 مىڭ ئادەم قېتىم مەركەزلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىدى، تەربىيەلەش سۈپىتى سىجىل ئۆستى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 4 مىليون 248 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتكومىدىن 278 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 316 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 342 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە قېلىپلاشتى. بىر يىلدا 1 مىليون 782 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ، يېزا، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشلامچىلىرى قوشۇنى يەنىمۇ ئەلالاشتى. كەنت، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ئىچىدە ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا %40.8، %77.7 نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14.3، 10.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.5، %18.2 نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4.5 ۋە 5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىكى روشەن يۆنىلىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولدى، سىياسىي ئىقتىدار ۋە تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق نامايان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ