مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.07.01 20:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى ھارپىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتاب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابنى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىغا تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈش خىزمىتىگە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پۈتۈن كىتاب «يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرى»، «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش دەۋرى»، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋرى»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى»دىن ئىبارەت تۆت تومغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 860 مىڭ خەتلىك، 455 پارچە سۈرەت بار.

  تارىخىي بىلىش تارىخىي ئىشەنچنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى تەنتەنىلىك، ئومۇميۈزلۈك، نوپۇزلۇق ھالدا ئىلمىي خۇلاسىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەقىل-پاراسەتنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ تۇرغۇزۇپ، رەسمىي تارىخنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە بارلىق خەلقنى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، تارىخىي ئەسلىمىنى مۇستەھكەملەش، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتاب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى ۋە ئىلمىي روھنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيلىق، ئىدىيەۋىلىك، نوپۇزلۇق، ئىلمىيلىك، ئوقۇشچانلىقنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ھازىرغىچە ئاشكارا نەشر قىلىنغان ئوقۇشلۇقلار ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرگەن ۋاقىت ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، مەزمۇنى ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ مۇكەممەل پارتىيە تارىخى رەسمىي تارىخى ئەسىرى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم مېخانىزمى ئورنىتىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ