مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ھەر قانداق «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» ۋە تەيۋەننىڭ «بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قورال ئارقىلىق رەت قىلىش»ىغا ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق

2022.07.01 13:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن پوزىتسىيەسى زىت، بۇ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى قوللىغانلىق، يول قويغانلىق. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ھەر قانداق «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» ۋە تەيۋەننىڭ «بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قورال ئارقىلىق رەت قىلىش» ىغا ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.

  شۇ كۈنىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن يېقىندا ئاتالمىش «يىللىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى سۆھبىتى» ۋە «ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىك يىغىنى مونتېرېي سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىشى ۋە باشقا ھەربىي كۈچ بىلەن قوللىشىنى مۇزاكىرە قىلىپ، تەيۋەنگە ياردەم بېرىپ، «سىممېتىرىكسىز ئۇرۇش قىلىش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ «دۆلەت ھەمراھلىق پىلانى» ئارقىلىق تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكچى بولغان. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  تەن كېفېي مۇنداق دېدى: تەيۋەن مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ سەزگۈر يادرولۇق مەسىلە، ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. زۇڭتۇڭ بايدىن جۇڭگو تەرەپكە «تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقى» توغرىسىدا ئېنىق ۋەدە بەرگەن، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى پوزىتسىيەسى بىلەن زىت، بۇ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى قوللىغانلىق ۋە يول قويغانلىق بولۇپ، خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان. جۇڭگو ئامېرىكىغا شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى، ھەر قانداق «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» ۋە تەيۋەننىڭ «بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قورال ئارقىلىق رەت قىلىش»ىغا ياردەم بېرىشكە ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق. جۇڭگو ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي تىل بىرىكتۈرۈشنى توختىتىشقا، تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقە قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ