ئايروپىلان بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ: ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلان بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
2022.07.01 13:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ توڭچېڭ تور پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىكەن. دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىش يېڭى ئۆلچىمى: 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەربىر يولۇچىدىن 100 يۈەن خەلق پۇلى؛ 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەربىر يولۇچىىدىن 200 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىنىدۇ. بۇ 2022-يىل 2-ئايدا يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى 5-قېتىملىق باھا ئۆستۈرۈش. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لېنىيەسىدە يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ