مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ غەم»دىن خالاس قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.06.30 14:27

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق» ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورناتتى. ھازىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى، مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىقتىسادتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز بارلىق ئوقۇش باسقۇچلىرىنى تولۇق قاپلىغان، ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپلەر ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلىغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ھەم ئوقۇشىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى مۇنداق: دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش دەرسى مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىش ياردەم پۇلى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما ... يېشىل كارىدور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنبىن مۇنداق دېدى: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن «ئۈچتە غەم قىلماسلىق» ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، يەنى ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن غەم قىلدۇرمايمىز. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىگە (ئەسلىي يۇرتىدا ئىناۋەتلىك) دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار يەنە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ياردەم بېرىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مەكتەپكە كىرگەندە غەم قىلماسلىق دېگەندە بۇ بىزنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر مەكتەپتە كىرىدىغان چاغدا ئوقۇش پۇلىنى يىغىپ بولالمىغان بولسا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەر يېشىل كارىدور ئېچىپ، مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئوقۇشقا كىرسە بولىدۇ؛ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن غەم قىلماسلىق دېگەندە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باھالاپ، قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ياردەم بېرىش تۈرى ۋە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى تاللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ