مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ 5 كارخانىسى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بۇ جازانىڭ خەلقئارا قانۇن ئاساسى بولمىغاچقا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2022.06.30 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنۇلارنى سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى كەسىپ بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ جۇڭگو، رۇسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتە رويخەتكې ئېلىنغان 36 شىركەتنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى جۇڭگونىڭ 5 كارخانىسى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلەنگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئاساسى يوق، بۇ «قولىنى خالىغانچە سوزغانلىق» ۋە بىر تەرەپلىمە جازالاش بىلەن شۇغۇللانغانلىق. جۇڭگو كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جاۋ لىچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئامېرىكىنى خاتالىقنى تۈزىتىپ، «قولنى بەك ئۇزۇن سوزۇش» تىن ساقلىنىپ، بىر تەرەپلىمە جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ