مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق مائارىپ نەشرىياتى: ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرى قىسقارتىۋېتىلىدۇ، دېگەن گەپ يالغان!

2022.06.30 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردىكى ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرى قىسقارتىۋېتىلىدۇ، دېگەن گەپلەر توغرىسىدا خەلق مائارىپ نەشرىياتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سۇپىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە كۆپ قېتىم تەڭشەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن لۇشۇن ئىزچىل ھالدا دەرسلىككە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ يازغۇچى، دېدى.

  خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 6-يىللىقلار 1-قىسمىدا مەخسۇس «لۇشۈن بىلەن تونۇشۇش» دەرسى تۈزغلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا لۇشۈننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ لۇشۈننى ئەسلىگەن، لۇشۈننى خاتىرىلىگەن ئەسەرلىرىمۇ بار. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە لۇشۈننىڭ يەتتە پارچە ئەسىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بەش پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە نەسر ئۈچ پارچە، ھېكايە بەش پارچە، فېليەتون تۆت پارچە. بىر تۇتاش تۈزۈلگەن تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە تېكىستتىن باشقا، يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوقۇشلۇقلىرى بار.

  «دەرسلىككە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن لۇشۈن ئەسەرلىرى ئۆزگەرمەس ئەسەر ئەمەس، شۇنداقلا دەرسلىك تۈزۈش رامكىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بەلگىلىك تەڭشىلىدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىنىشى، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتۇش قايتما ئىنكاسى ئاساسىدا چىقىرىلغان نورمال تەڭشەش» دەيدۇ خەلق مائارىپ نەشرىياتىدىكى ئالاقىدارلار.خەلق مائارىپ نەشرىياتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: لۇشۈن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ئەزەلدىن كەڭ كۆلەمدە «دەرسلىكتىن چېكىنىپ چىققان» ئەمەس، لۇشۈن ئەپەندى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بارلىق بالىلار بىلەن ئىزچىل بىللە بولۇپ كەمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ