مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار خىزمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2022.06.30 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار خىزمەت قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن مۇشۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «قائىدە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سىستېمىلىق توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلىرىنى تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تەرتىپى، باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېت)لىرى تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلارنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ھەم ئۇلارنىڭ كادىرلىرىنى باشقۇرۇش، چەكلەشنى كۈچەيتىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك. «قائىدە»نى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ