خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-تىزگىن مېخانىزمى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «توققۇزغا رۇخسەت قىلماسلىق»قا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-تىزگىن مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى ئاممىۋى سۆز قالدۇرۇش سۇپىسى ئېچىپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىگە تەسىس قىلدى، ئالاقىدار تارماقلارمۇ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى ئېلان قىلدى.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «توققۇزغا رۇخسەت قىلماسلىق»قا خىلاپ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، يەرلىكنىڭ تېزدىن تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلايدۇ.
تۆۋەندىكى سۈرەتنى چېكىپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىگە كىرىڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ