تولۇپ-تاشقان جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى (باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ — شىنجاڭ سەھىپىسى)

2022.06.30 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپئاق قارلىق تاغ، سانسىزلىغان بوستانلىق … ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى دەل 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق گۈزەل شىنجاڭ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. 2020-يىل 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى كۆپرەك پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تولۇپ-تاشقان جاسارەت بىلەن بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقتا.

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ـــــ

  دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتكەن: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى.

  قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئامما نېمىگە ئەڭ ئۆچ بولسا، شۇنىڭغا زەربە بەردى.

  مەشىق مەيدانىدا، قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى تەقلىدىي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

  2014-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى. نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى تاۋ يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى مەن سىلەرنىڭ قورال-ياراغ ۋە مەشىقىڭلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن، زوراۋان-تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇشى كېرەك. مەشىق ئىنتايىن مۇھىم، چوقۇم ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دېگەن ئىدى، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇشتۇمى ۋە ئاۋانگارتلىرىنى تاۋلاپ، ‹مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىدىكى بارلىق ساقچىلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش، چوڭ مەشىقلەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپى› بولۇپ باھالاندۇق».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەۋقەنى قۇملۇق، چۆللۈك، ئېگىزلىك قاتارلىق ئالاھىدە رايون مۇھىتىغا قويۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قانۇنچىللىشىش، دائىملىشىش، كەسىپلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ