مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماي باھاسى چۈشتى!

2022.06.29 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 28-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى بويىچە، 2022-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24:00 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 320 يۈەن ۋە 310 يۈەن چۈشۈرۈلىدۇ.

  بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ 2-قېتىم بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەت ۋە باشقا نېفىت پىششىقلاش كارخانىلىرى تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال بازار تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار 12315 سۇپىسى ئارقىلىق باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قىسقا مەزگىلدە خەلقئارا نېفىت باھاسى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ