خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6- ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە «ساقچى-خەلق قانىلى» ئۈندىدار سۇپىسىدا، پۇدۇڭ ئېلان قىلغان ساقچىلارنىڭ خەۋەرلەندۈرمىسىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي پۇدۇڭ ج خ شۆبە ئىدارىسى «خەلق شەرقىي يولى نەنجۇ يولى ئەتراپىدا، بىر ئاپتوبۇس يول بويىدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى» دېگەن مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ شوپۇرنى قۇتقۇزغان، ھازىر چوڭ چاتاق كۆرۈلمىگەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىدا شوپۇردىن باشقا يولۇچى يوق، ئاپتوبۇس ئىككى توكسىكلىتنى سوقۇۋەتكەندىن كېيىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، ئىككى توكسىكلىت مىنگۈچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان. ئالدىنقى بېكەتتە ئاپتوبۇستىن چۈشكەن بىر يولۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شوپۇر ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، دەپ يولۇچىلارنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرگەن، كېيىن بۇ يولۇچى شوپۇرنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا سىيرىلغاندىن كېيىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ