مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

يېڭى دەۋردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى («جۇڭگو بۇ ئون يىلدا» باش تېمىلىق چاتما خەۋەر ئېلان قىلىندى)

2022.06.29 10:42 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز لى شياۋچىڭ

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭگو بۇ ئون يىلدا» باش تېمىسىدىكى چاتما خەۋەر ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دېڭ شياۋگاڭ قاتارلىقلارنى يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. دېڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئون يىلدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.

  ئاشلىق مەھسۇلاتى 10 يىلدا يەنە 100 مىليارد جىڭغا يېتىشتەك يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى

  دېڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى مۇقىم بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا يەتتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشقا مۇقىملاشتى، ئون يىلدا يەنە 100 مىليارد جىڭغا يېتىپ يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى، 2021-يىلى يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 1 تىرىليون 365 مىليارد 700 مىليون جىڭغا يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 483 كىلوگىرامغا يېتىپ، خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان 400 كىلوگىرام ئاشلىق بىخەتەرلىك سىزىقىدىن يۇقىرى بولدى، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقتا مۇتلەق بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈپىتى سىجىل ئەلالاشتى، دەرىجىسى ئۆستى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97 تىن يۇقىرى بولدى، تېخىمۇ كۆپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قويۇلدى.

  ئون يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى تولدۇردى.

  «ئىككىنى ساقلاش» يەنى ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماددىي ئاساسى پۇختىلاندى. بىرىنچىدىن، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ قېلىندى. ئىككىنچىدىن، سورت يېتىشتۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى.

  دېھقانلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «ئىككى ئاكتىپلىقى» كۈچەپ قوزغىتىلدى. بىر تەرەپتىن، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شال تولۇقلىمىسى، كۆممىقوناق، دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئاشلىق تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە تېرىقچىلىق كىرىمى سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش بەلگىلىمىسى بويىچە يانداش تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى تۈزۈلۈپ، يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە دائىر سىياسىي مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلدى.

  يېزا ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا-كەنتلەر تەرەققىي قىلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بەردى.

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى «ئىككىلەشتۈرۈش» زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇلازىمەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاشلىق تىجارىتى ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

  دېڭ شياۋگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولى ئېچىلدى. بىرىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلغان ھەر بىر ناھىيە ئالاھىدىلىكى روشەن، يېتەكلەش دائىرىسى كەڭ بولغان ئىككىدىن ئۈچكىچە يېتەكچى كەسىپ بەرپا قىلىپ، يول يۈرۈش قىيىن، توك ئىشلىتىش قىيىن، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدى. ئۈچىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، 33 تۈرلۈك ئۆتكۈنچى مەزگىلنى جىپسىلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى ھەرىكەتچان ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان ناھىيەلىرىنى بېكىتىپ ھەم داۋاملىق مايىللاشتۇرۇپ قوللاپ، كۆلەملەشكەن قايتا نامراتلىشىش تۆۋەن چېكى ساقلاپ قېلىندى.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا-كەنت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئوبوروت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلگەن، ئىستىراھەت ساياھىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە پاسكىنا سۇنى تۈزەش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش يولى، كەڭ بەلباغلىق تور ۋە مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئاگرونومى، تەرەققىيات-پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زېڭ يەندې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ زەنجىرى تېز بەرپا قىلىندى.

  «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دېدى، دېڭ شياۋگاڭ تونۇشتۇرۇپ. بىرىنچىدىن، پارتىيە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان ۋە بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى؛ ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، يېزا ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىسلاھاتلار ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر تۈركۈم پىشىپ يېتىلگەن، قېلىپلاشقان، نېگىزىدىن باشقۇرۇلىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق تۈزۈم نەتىجىلىرى ئىزدىنىلىپ شەكىللەندۈرۈلدى؛ ئۈچىنچىدىن، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى.

  «2021- يىلى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ 931 يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى» دېدى، دېڭ شياۋگاڭ. ئىسلاھات يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مۇھىم ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى.

  يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»ــــ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش يولغا قويۇلدى. بۇ، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن كېيىنكى يېزا ئىسلاھاتىدىكى يەنە بىر زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان گۇۋاھنامە ئالدى.

  يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى ئومۇميۈزلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈك پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، دېھقانلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپەيدى.

  يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى 3 مىليون 900 مىڭغا يېتىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى.

  يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتى ۋە تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە بازارنى تەڭشەش-تىزگىنلەش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شال ۋە بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشىلىپ، كۆممىقوناقنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ۋە دادۇرنىڭ نىشان باھا سىياسىتى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش + ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش» يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە «ئۈچتولۇقلىما» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەنى يېتەكچى قىلغان يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ