مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىچكى كۆرسەتكۈچ بارمۇ؟ بۇنداق ئالدامچىلىققا ھەرگىز ئىشەنمەڭ

2022.06.28 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەقەززالىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل نىقاب بىلەن ئالدامچىلىق قىلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئاتا-ئانىلار ئالدامچىلىقنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئاتالمىش «ئۇدۇل يول»غا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار.

  ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، بەزى كىشىلەر ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق نەيرىڭى ئومۇمەن ئۈچ خىل بولىدۇ:

  بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى بار، نومۇرى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بېرەلەيمەن، دەيدۇ.

  ئىككىنچىسى، نومۇرى ئۆلچەمگە يەتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارخىپىنىڭ قايتۇرۇلماي قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمەن، دەپ پو ئاتىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ئۆزىدە ئىچكى قىسىمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى ياكى پىلان سىرتىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى بار، نەتىجىسى يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى پىلان سىرتىدا قوبۇل قىلدۇرالايمەن، دەۋالىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» سىياسىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ ھەمدە جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ، پىلان سىرتىدىكى سان ۋە ئىچكى سان يوق. ھەرقانداق ئادەم قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرسە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ