مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ خۇڭۋۇ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2022.06.24 13:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ خۇڭۋۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.


  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ليۇ خۇڭۋۇنىڭ غايە ـ ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ـ بۇرچىدىن يۈز ئۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئۆزگەرتىپ، ئەپلەپ ـ سەپلەپ ئىش قىلغانلىقى، ھەتتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يوچۇق تېپىپ، چىرىكلەشكەنلىكى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، نەپسەنىيەتچىلىك قىلىپ، راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغانلىقى؛ تەشكىل سۆھبەتلىشىش، خەت-ئالاقە ئارقىلىق سوئال سورىغاندا مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەنلىكى؛ نومۇسسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق، پۇل-سەتەڭ سودىسى قىلغانلىقى، تەلۋىلىك قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى، ھەم ئەمەلدار بولۇشنى، ھەم بېيىشنى ئويلاپ، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئالاقە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشقا بېرىلىپ، جان-جەھلى بىلەن ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش، تۈر، مەبلەغنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزگەن ھەم زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى بايقالدى.


  ليۇ خۇڭۋۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان ھەم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ليۇ خۇڭۋۇغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بەردى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختاتتى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ