مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ساقچى تەرەپ خەۋەرلەندۈرمە بەردى!

2022.06.24 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەكتىپىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما سىستېمىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇشى ۋە تۇرمۇشىغا ئەكس تەسىر كۆرسەتتى. مەكتىپىمىز بىرىنچى بولۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى، ج خ ئورگىنى دەسلەپكى قەدەمدە چېگرا سىرتىدىكى خاككېرلار تەشكىللىگەن ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قوزغىغان تور ھۇجۇمى، دەپ ھۆكۈم قىلدى. شۇڭا بۇ ھەقتە ئاشكارا بايانات جاكارلايمىز:


  بۇ قېتىمقى توردا ھۇجۇمى ۋەقەسىدە، چېگرا سىرتىدىكى خاككىرلار تەشكىلاتى ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا ياغاچ ئات تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بېلىقخور» پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئالاقىدار ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پوچتا يوللانما سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ، مەكتەپنىڭ نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە زور يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلدى.


  ئۇزاقتىن بۇيان، مەكتىپىمىز تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ـ تەربىيەسىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە تېخنىكىلىق كۆزىتىشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېخنىكىلىق مۇداپىئە تەدبىرى قوللانغاچقا، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە سەزگۈرلۈكى يىلدىن ـ يىلغا ئاشقان، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن «بېلىقخور» پوچتا يوللانمىلىرى ھازىرغىچە مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ھازىرغا قەدەر زور تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسى پەيدا بولمىغان، مەكتەپ تور بىخەتەرلىكى ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدالغان.


  مەكتىپىمىز ۋەقەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاپ، ئالاقىدار خاككىرلار تەشكىلاتى ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپ تور بىخەتەرلىكى توسىقىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى، مەكتىپىمىز چېگرا سىرتىدىن كەلگەن تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلدى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.


  بۇ يەردە، مەكتىپىمىز كەڭ ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: تور بوشلۇقى قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەس، «بېلىقخور» پوچتا يوللانمىسى يوللاش پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايى قىلمىشقا تەۋە. كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىن مەدەنىي، ئۆلچەملىك پايدىلىنىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئوچۇق تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى


  2022-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ