مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقى: جۇڭگوغا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش جۇڭگوغا، ئامېرىكىغا، دۇنياغا پايدىلىق

2022.06.24 12:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: -6ئاينىڭ 23-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەزى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئامېرىكا يېقىندا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجىنى كەڭ قويۇۋېتىش ئىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئەگەر كېلىشىم ھاسىل بولسا جۇڭگو تەرەپ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپمۇ مۇناسىپ ھالدا تاموژنا بېجىنى تەڭشەمدۇ؟ دەپ سوراشتى.


  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇ جۆتىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگودىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جۇڭگوغا، ئامېرىكىغا، دۇنياغا پايدىلىق، دەپ قاراپ كەلدى. نۆۋەتتىكى يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىدە، جۇڭگوغا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى بالدۇر ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلار بالدۇر نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن كەيپىيات ۋە شارائىت يارىتىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ