مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ نامدىكى تېلېفوننى ئېلىڭ!

2022.06.24 12:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-چېسلا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاممىغا «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىسىم كارتىسى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ تېلېفون مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرگەن.


  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، دائىم ئامما ئالدىن سىگنال بېرىش تېلېفونىنى خاتا ھالدا ئالدامچىلىق قىلىش ياكى تېلېفون پاراكەندىچىلىكى دەپ قاراپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، نەسىھەت قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى دۆلەت ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىسىم كارتىسى» لايىھەلەپ، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى سىگنال بېرىش، نەسىھەت قىلىش تېلېفون نومۇرىغا بەلگە قويۇپ ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئەسكەرتىپ، ئاممىنىڭ تېلېفون مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش تېلېفونىنىڭ نوپۇزى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.


  ئەسكەرتىش: ئەگەر ئابونتلار «ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىسىم كارتىسى»بەلگىسى بار ئالدىن سىگنال بېرىش، نەسىھەت قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالسا، خاتىرجەم قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئەگەر گۇمان بولسا 96110 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ