خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور شۈ باۋيىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۈ باۋيىنىڭ ھېچقانداق غايە ـ ئېتىقادى يوقلىقى، تەشكىلگە قىلچە سادىق ئەمەسلىكى، سىياسىي پەزىلىتى رەزىل، ئۇزاقتىن بۇيان سىياسىي پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، خىزمەت تارىخىنى ھەدەپ ئويدۇرۇپ چىقىپ، قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئەمەل تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەشكىلنىڭ پوزىتسىيەسىنى سىناپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغانلىقى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى، تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئەخلاقتا بۇزۇلۇپ، ھەدەپ ھوقۇق-سەتەڭ سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىگە ئارىلاشقانلىقى ۋە قول تىققانلىقى؛ قىمار ئويناپ بايلىق توپلىغان، دۆلەت ئاشلىقىدىن پايدا ئۈندۈرگەنلىكى، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلغانلىقى، ۋەزىپىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش، كارخانا تىجارىتى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزگەن ھەمدە زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى؛ خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئېنىقلاندى.
شۈ باۋيى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بولغان ھەم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق شۈ باۋيىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق مال-مۈلكىنى قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ