مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

192 ئادەم قولغا چۈشتى!

2022.06.24 12:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت چېگراسى (چېگرا) نى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى «ئىپار مۈشۈك ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ «يىلان تۇتۇش» ھەرىكىتىدە قوغلاپ تۇتۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 23-چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلامچى بولۇپ قانات يايدۇرغان چېگرانى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈپ قېچىپ يۈرگەن مۇھىم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتى (مەخپىي پارول «يىلان تۇتۇش»)، 2021-يىل 9-ئايدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قېچىپ يۈرگەن 192 مۇھىم جىنايەت گۇماندارى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ئىچىدىكى مۇھىم قاچقۇن 86، چېگرا سىرتىدىكى مۇھىم قاچقۇن 106.
« يىلان تۇتۇش» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كۆپ خىل بىرلەشمە جەڭ قىلىپ، جايلار ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، مەخسۇس تۇتۇش، چېگرا ھالقىغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق چېگرا ئىچى-سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن، يوشۇرۇنۇۋالغان، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنى تەشكىللىگەن زور بىر تۈركۈم جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ باش جىنايەتچىلىرى ۋە تايانچلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلاپ تۇتتى ھەم بىر تۈركۈم قىمار ئويناش، ئالدامچىلىق قىلىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش شايكىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، دۆلەتنىڭ (چېگرا) چېگراسىنى باشقۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.


  كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭىدىن رەتلىگەن جىنايى قىلمىشى ئېغىر، تەسىرى يامان، يوشۇرۇنغان چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىللىك چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش شايكىسىنىڭ كاتتىباشلىرى، پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىللىگۈچىلەر، توشۇغۇچىلار، تايانچىلاردىن 100 ئادەمنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەخسۇس تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


  دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت چېگراسى (چېگرا) نى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن مۇھىم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ كېلىپ ، «ئىپار مۈشۈك ئوۋلاش» ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرۋازىسى چېگرا بىخەتەرلىك توسىقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ