مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى

جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2022.06.23 22:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەھسۇلاتى دەپ بېكىتتى ھەم شىنجاڭغا ئالاقىدار ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ تۈزگەن ۋە يولغا قويغان ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى ئادىل، ئوبيېكتىپ خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دۆلىتىمىز توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە ئېغىر، قوپال زىيان يەتكۈزدى، شۇنداقلا دۇنيا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ نورمال تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ پاختىسى پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپ ساھەسىدىكىلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەبىئىي تالا ماتېرىيالى بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز، ھەتتا پۈتۈن يەر شارى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم خام ئەشيا كاپالىتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى بېسىش قىلمىشى ماھىيەتتە جۇڭگو توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە يامان غەرەزدە بېسىم ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيا توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا توقۇمىچىلىق كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو توقۇمىچىلىقىدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگونىڭ قانۇنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەنئى قىلىنىپ كەلدى، جۇڭگو توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى باشتىن-ئاخىر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلدى. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىزچىل جۇڭگو توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ