مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ خىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆي ئىجارە ئالسا ھەقسىز بولىدۇ

ئەنخۇي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يېڭى سىياسىتىنى چىقاردى

2022.06.23 22:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ «ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىدا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىرى» ئېلان قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، يوللارنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇش، كارخانىلار ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، سۇپا قۇرۇش، مەخسۇس تۈرنى يولغا قويۇش، ئەمىن تاپقۇزۇپ كاپالەتلەندۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت توققۇز جەھەتتىن يىراقتىن كەلگەن ئىختىساسلىقلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيەسى يارىتىپ، «مىليونلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەنخۇينى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى»گە كۈچ قوشتى.

  ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەنخۇيدا ئىگىلىك تىكلىگەنلىرى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە %20 باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بۈركۈت چۈجىسى يېتىشتۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ ئەنخۇي ئۆلكىسى، خېفېي شەھىرى بىر قېتىمدىلا 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى.

  كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلىشىنى قوللاش جەھەتتە، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يېڭىدىن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا، قوبۇل قىلغان ئادەم سانىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىر ئادەمگە بىر قېتىمدىلا 1000 يۈەنلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. پۇقراۋى كارخانىلار تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلسا ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان بولسا، ھەر قايسى شەھەرلەر كارخانا ئەمەلىي تاپشۇرغان ساننىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە كارخانىغا ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ، مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  ئەمىن تاپقۇزۇپ كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ساھەلەردە خىزمەت قىلغان، ئۆز ئۆيى يوق دوكتور، ماگىستىر ۋە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچ يىل ئىچىدە ئىختىساسلىقلار ياتىقى ياكى دۆلەت ئىجارە شىركىتىنىڭ ئۆيىنى ھەقسىز ئىجارە ئالسا بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىجارە ئالغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر يىلى 25 مىڭ يۈەن، 15 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ