مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىلى مەركەز ئورگانلىرى ۋە جايلار مەمۇر قوبۇل قىلىشتا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى يەنىمۇ كۆپلەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك

2022.06.23 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئۇدا كېڭەيتىش ئاساسىدا، 2022 ـ يىلى مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار ھەم يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار مەمۇر قوبۇل قىلىشتا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى يەنىمۇ كۆپلەپ قوبۇل قىلغان، بۇ يىل يەنە بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن 116 مىڭ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلاپ، بۇلتۇرقىدىن 9000 نەپەر كۆپەيتتى.


  يۇقۇم ئەھۋالى ۋە مۇداپىئە-تىزگىن تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەزنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئورگانلىرى ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق شەكىللەرنى جانلىق قوللىنىپ، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ھازىر %60 تىن ئارتۇق ئورۇن يۈزتۇرا ئىمتىھاننى تاماملىدى. جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىقچە ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى قولايلىق ئىمتىھان مەيدانى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، ھازىر سەككىز ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزىقچە ئىمتىھاننى تاماملىدى.


  بۇ يىل 3-ئايدا، مەملىكەتلىك مەمۇرلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كېڭەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شەكىل، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ