خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى خۇەييىن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاۋابكار جاڭ گوغا مەجبۇرلاپ پەسكەشلىك قىلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ گوغا مەجبۇرلاپ پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن بىر يىل ئالتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، 2021-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، جاڭ گو زىياپەتكە قاتناشقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جوۋ XX بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇپ، جوۋ XX مەست بولۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاشخانىنىڭ ئالدى سۇپىسى ئەتراپىدا ۋە ئايرىمخانىدا جوۋ XX كە مەجبۇرلاپ پەسكەشلىك قىلغان. ئەتىسى سائەت 7 لەردە، جاڭ گو جوۋ xx تۇرغان مېھمانخانىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، جوۋ xx كە پەسكەشلىك قىلغان.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ گو ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا پەسكەشلىك قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن مەجبۇرلاپ پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللەنگەن. ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ جاڭ گونى مەجبۇرلاپ پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست، تولۇق، ئەيىبلەش جىنايىتى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. جاڭ گونىڭ جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىش، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى يوق، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ