خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 22-ئىيۇن سائەت 6:00 دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق سىگنالىنى ئېلان قىلدى:
مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزى خېبېينىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى، خېنەن، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ غەربىي شىمال قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، خۇبېينىڭ شىمالىي قىسمى، خۇاڭخې ۋادىسىدىكى فېنخې دەرياسى تۈزلەڭلىكى بىلەن ۋېيخې دەرياسى تۈزلەڭلىكى، شىمالىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا ℃35 - ℃36 يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېينىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ غەربىي قىسمى، خېنەننىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، ئەنخۇينىڭ غەربىي شىمال قىسمى، شىمالىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37-℃40 بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ℃40 تىن ئاشىدىكەن.
مۇداپىيە كۆرسەتمىسى:
(1) ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛
(2) ئىمكانقەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋاقىتتا سىرتتا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا مەشغۇلات قىلىدىغانلارنىڭ ئۇدا خىزمەت قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش كېرەك؛
(3) ياشانغانلار، ئاجىزلار، ساقسىزلار ۋە بالىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
(4) ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار توك ئىشلىتىش مىقدارى زىيادە ئېشىپ كېتىش ھەمدە توك سىمى، ترانسىفورماتور قاتارلىق توك كۈچىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى