مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتمىسى: يازدا يىغىلىپ تاماق يېگەندە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەسلىك كېرەك

2022.06.23 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭدا ئارقا-ئارقىدىن مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈشتەك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 22-چېسلا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھازىر دەل يازلىق تەتىل مەزگىلى، ئاممىنىڭ يىغىلىپ تاماق يېيىش، ھاراق ئىچىش، قاۋاقتا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كۆپىيىدۇ، ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ھەر ۋاقىت قىزىل سىزىقنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ھاراق ئىچكەندە ماشىنا ھەيدىمەسلىكى، ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا ئەسكەرتىشىپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.


  6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 22 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىدىكى بىر كىچىك تىپتىكى دالا ماشىنىسى يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان ئېغىر تىپتىكى يېرىم پرىتسېپ ماشىنىنىڭ كەينىگە سوقۇلۇپ، دالا ماشىنىسىدىكى تۆت ئادەم ئۆلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شوپۇر سۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ھەمدە سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان. شۇ كۈنى كەچتە سۇ XX قاتارلىق تۆت كىشى باشقا بەش خىزمەتدىشى بىلەن بىللە تاماق يېگەن، ئارىلىقتا بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق، 39 بوتۇلكا پىۋا ئىچكەن، قالغان خىزمەتداشلىرى بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، بۇ تۆت كىشى يەنە 10 بوتۇلكا پىۋا ئىچكەن. باھالاش ئارقىلىق سۇ فامىلىلىكنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 120 مىللىگىرام/ 100مىللىلېتىر چىققان.


  18-ئىيۇن سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرىدىكى بىر پىكاپ 342-دۆلەت يولى بىلەن 237-ئۆلكە يولى يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، يۈكسىز ئېغىر تىپتىكى ماي ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، پىكاپتىكى ئۈچ ئادەم ئۆلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، پىكاپ ھەيدىگۈچى شى XXنىڭ مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدىشى بۇ ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى شى XX قاتارلىق ئۈچ كىشى ئالدى بىلەن كاۋاپخانىدا يىغىلىپ تاماق يېگەن، ئارىلىقتا بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق، بىر تۇڭ خام پىۋا، يەتتە بوتۇلكا پىۋا ئىچكەن، كېيىن يەنە KTV غا بېرىپ ناخشا ئېيتقان، ئارىلىقتا 30 بوتۇلكا پىۋا ئىچكەن. باھالاش ئارقىلىق، شى XXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 191.6 مىللىگرامغا يەتكەن.
ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئېغىر قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى باشتىن-ئاخىر قاتتىق باشقۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ