خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجوۋ شەھىرى تيەنخې رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ مىكرو بلوگ خەۋىرىگە قارىغاندا، 25-ماي سائەت 13 لەردە، گۇاڭجوۋ شەھىرى تيەنخې رايونىدىكى مەلۇم بالدۇر تەربىيەلەش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ X (ئايال، 48ياش) 7 ياشلىق خۇاڭ فامىلىلىك ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەۋاتقاندا، خۇاڭ Xنىڭ پۇتىنى تېپىپ يىقىتىۋەتكەن، نەتىجىدە بالا يىقىلىپ يارىلانغان، كېيىن بۇ ئوغۇل بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان، نەتىجىدە باش سۆڭىكى يارىلانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوغۇل بالىنىڭ ئاپىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى تەرەپ نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىلىلىكنى تىزگىنلىگەن. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، يارىلانغان بالا دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ۋاڭ فامىلىلىك قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن تيەنخې ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ