مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كونا شىزاڭ روھى»نى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش

2022.06.23 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  «ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھنى كېمەيتمەيلى». شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «كونا شىزاڭ روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قارلىق ئىگىزلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەسىرلىك ھىكايىلىرىنى پۈتتى.


  2021-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىنجى بازىرىنىڭ گالا كەنتىگە باردى. باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى ھەربىر مەنزىرە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىككى كەنت كادىرىنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلانغانىدى.
بىرى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن، شىزاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى خۇاڭ خەيفېن بولۇپ، ئۇ: «باش شۇجى <بۇ يەر ئادەمگە ئېھتىياجلىق، بۇ يەردە ياخشى ئىشلەڭ> دەپ تاپىلىغان. شىزاڭ بىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىمىزغا مۇھتاج، بىز شىزاڭدا يىلتىز تارتىشنى خالايمىز» دېدى.


  يەنە بىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەنبا. ئۇ كىچىكىدىنلا كەنتتە چوڭ بولغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاپىسىنىڭ يالاڭ ئاياغ پاتقاق كېچىپ تۇرغان ھالىتى ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى. ئۇ: «گالا كەنتى بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلىكلەر ھەۋەس قىلىدىغان ياخشى كۈنگە ئېرىشتى. بۇ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ نەتىجىسى» دېدى.


  باش شۇجى 1998-يىلى ۋە 2011-يىلى گالا كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان باجى كەنتىدە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان، بۇ، بيەنبادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى: «باش شۇجى بىزنى ئويلاپ تۇرىدۇ! ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە يۇرتداشلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ خاتىرجەم بولۇپ، بىزگە بېيىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.


  1998-يىلى، شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىش پۇرسىتى بىلەن شىزاڭغا بارغان ئىدى. ئۇنىڭ سۆزى شىزاڭدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتتى: «لىنجى ۋىلايىتىنىڭ ئىشى ئۆلكىمىزنىڭ ئىشى»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر كادىرلارنى، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ ئەۋەتىمىز».


  شىزاڭغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رىشتى، پۈتۈن جۇڭگونىڭ رىشتى باغلانغان.


  1994-يىلى شىزاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش باشلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن شىزاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلار قارلىق ئېگىزلىككە كەلدى. ھازىر شىزاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار 5000 دىن ئاشتى. 2021-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى 807 تۈر يولغا قويۇلۇپ، 40 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، مائارىپ، داۋالاش بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.


  2021ـ يىلى شىزاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى تەكىتلىدى. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى بۇرۇلۇپ يىغىنغا قاتناشقان شىزاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى «كونا شىزاڭ روھىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش» قا ئىلھاملاندۇردى.


  «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي يولغا قويۇپ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي تۆھپە قوشىمىز» دېدى جياڭسۇدىن شىزاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر ما خۇا.
يوللاردىكى ئۆزگىرىش شىزاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يولداش شى جىنپىڭ 1998 ـ يىلى شىزاڭغا بارغاندا، لاسا گۇڭگا ئايرودرومىدىن لىنجى شەھىرى 1 ـ ئاۋغۇست بازىرىغا ماشىنا بىلەن توپتوغرا بىر كۈن ماڭغان. ھازىر سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىش باشلاندى، لاسا-لىنجى بۆلىكى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ «روناق» ناملىق تېز پويىز ئۇچقاندەك ماڭماقتا. لاسادىن لىنجىغا تېز پويىزغا ئولتۇرسا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭسا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.


  بۈگۈنكى شىزاڭدا، ناھىيەلەرگە ئاسفالت يول، يېزىلارغا تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى. رىكازى شەھىرىنىڭ جياڭزى ناھىيەسى سوگەي كەنتىدە ھەر يىلى كۈزدە تۈمەن مو يەردىكى ئارپا ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، لېكىن تار ھەم ئوڭغۇل-دوڭغۇل يېزا-كەنت يولى بېيىش يولىنى توسۇۋالغان ئىدى. شاڭخەينىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى سوگەي كەنتىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى، سوگەي كەنتى ناھايىتى تېزلا ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدىغان جايغا ئايلاندى.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن باجى كەنتى شىزاڭنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ جانلىق كارتىنىسى. باجى كەنتى تىرانسپورت، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇلتۇر كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 47 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىسى گېساڭ ۋاڭجيۇنىڭ ئۆيىدە باش شۇجىنىڭ ئۇلارنى يوقلىغان سۈرىتى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى: «بۇلتۇر 380 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، ئىككى بالىمىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە ۋەتەنگە تۆھپە قوشىدۇ.»


  بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ