مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭغا «2- دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يې گۇاڭفۇغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى)

2022.06.23 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  2021-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، «شېنجوۋ 13-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئىككى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىش، ئىككى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش ۋەكىللىكىدىكى بىر قاتار ئىجادىي، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلىم-پەن تەجرىبىلىرى ۋە بوشلۇقتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئوربىتىدا ئالتە ئاي تۇرۇپ، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 16- كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 13- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى بوشلۇق پونكىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى دەلىللەش باسقۇچىدىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاخىرقى مەيدان جەڭ بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم پونكىتىدا رادىئۇس يۆنىلىشلىك توختىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتىدا ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش يېڭى رېكورتىنى يارىتىپ، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بوشلۇق پونكىتىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى. بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  شېنجوۋ 13-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر- جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش جەي جىگاڭ ئىككى قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى ھەمدە كوماندا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۈچ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، نۆۋەتتە بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى. يولداش ۋاڭ ياپىڭ ئىككى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يەنە «ئالەم بوشلۇقى مۇنبىرى»گە چىقىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى بولۇپ ئالەم پونكىتىغا كىرگەن، تۇنجى بولۇپ بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلغان ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى. يولداش يې گۇاڭفۇ پۇختا مەشىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ چېنىقىپ، شەرەپ بىلەن شېنجوۋ 13-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ كىرىپ، زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن ياراتقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭغا «2-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش يې گۇاڭفۇغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامىنى بېرىش ھەم «3-دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.


  يولداش جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، كائىناتتا ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگىلەر، نەمۇنىچىلاردۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى!


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى)

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
   مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ